ئەردوغان: دېموكراتىيە نەسىھەتچىلىرىنىڭ تارىخىدىكى نومۇس داغلىرى بىر - بىرىلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ياۋروپاسىدىن كاناداسىغىچە پۇرسەتلا تاپسا ، ، نەسىھىتى قىلىدىغانلارنىڭ تارىخىدىكى نومۇس داغلىرى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى» دېدى.

1674102
ئەردوغان: دېموكراتىيە نەسىھەتچىلىرىنىڭ تارىخىدىكى نومۇس داغلىرى بىر - بىرىلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى بەشتەپە خەلق قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە ياشلار يىغىنى»دا قىلغان سۆزىدە، سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز تۈنۈگۈن 26 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن بوشناق قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن» دېدى.

ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا ب د ت نىڭ كۆزى ئالدىدا سادىر قىلىنغان بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا بىر قارا داغ بولۇپ چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «رەھىمسىزلەرچە قەتل قىلىنغان 8372 قېرىندىشىمىزنىڭ ھازىرمۇ قەلبىمىزنى قانىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھەر بىر كوللېكتىپ مازار ئازابلىرىمىزنى يېڭىلىماقتا. بۇ قەبرىلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئونتۇماسلىق، ئونۇتتۇرماسلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

 بۇنىڭغا ئوخشاش ئازابلارغا قايتا دۇچار بولماسلىق ۋە غەربنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق رېئاللىقى بىلەن يۈزلىشىشى ئۈچۈن بۇنى قىلىشقا مەجبۇرمىز. ياۋروپاسىدىن كاناداسىغىچە پۇرسەتلا تاپسا <كىشىلىك ھوقۇق>، <دېموكراتىيە>، <ئەركىنلىك> نەسىھىتى قىلىدىغانلارنىڭ تارىخىدىكى نومۇس داغلىرى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر