تۈركىيەدە بۈگۈن 354 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 354كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1626690
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 354كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 37 مىڭ 329غا يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 312 مىڭ 109ئادەمنىڭ 3 مىڭ 128 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 54مىڭ 791گە يەتتى.
سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 65مىڭ 593 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 3 مىليون 909مىڭ 935كە يەتتى.