تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن  ئامېرىكا قىسىملىرى شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئۆزئارا ماسلىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن  ئامېرىكا قىسىملىرى شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئۆز-ئارا ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك مەشىق ئېلىپ بارىدىغان بولدى.

1602519
تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن  ئامېرىكا قىسىملىرى شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئۆزئارا ماسلىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق «TCG Gemlik» ئەترىتى بۈگۈن رودېسنىڭ جەنۇبىدا ئامېرىكانىڭ ئېزىنخاۋېر ئاۋىياماتكا ئەترىتى بىلەن كۆرۈشۈپ پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە باشلايدىغان بولدى.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق «TCG Gemlik» ئەترىتى ئامېرىكانىڭ ئېزىنخاۋېر ئاۋىياماتكا ئەترىتىنىڭ ۋەزىپە گۇرۇپپىسىدا بىر مەزگىل ماڭغاندىن كېيىن، 18-مارت شەرقىي ئاق دېڭىزدا كېڭەيتىلگەن مەشىقلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيىەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئايروپىلانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېزىنخاۋېر ئاۋىياماتكا ۋەزىپە گۇرۇپپىسى شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقنى ئاشۇرۇش مەشىقلىرى ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر