بەش تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچى قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1577052
بەش تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولغانلىقىنى، تەسلىم بولغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ دىيارباكىردا ئائىلىسىنىڭ 520 كۈندىن بۇيان «پەرزەنتىنى كۈتۈش قاراۋۇللۇقى»دا تۇرۇۋاتقان ئائىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مىنىستىرلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ژاندارما باش قوماندانلىقى ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، پ ك ك / ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قاچقان بەش تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

باياناتتا، تەسلىم بولغان تەشكىلات ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ دىيارباكىردا 520 كۈندىن بېرى «پەرزەنتىنى كۈتۈش قاراۋۇللۇقى»دا تۇرۇۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «بۇ قېتىم تەسلىم بولغان تەشكىلات ئەزاسىنى قوشقاندا پەرزەنت كۈتۈش قاراۋوللۇقىدا تۇرۇۋاتقان 23- ئائىلە پەرزەنتى بىلەن كۆرۈشتى. 2021 – يىلى ئىچىدە پەقەت قايىل قىلىش ئارقىلىقلا تەسلىم بولغانلار سانى 21 گە يەتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ 2008، 2010 ۋە 2015-يىللىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى ۋە يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر