تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا ئىككى مىڭ 572 يۈرۈش ئۆيلۈك قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش رايونى تەسىس قىلىش قەدىمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1567959
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھۆددىگەر چاقىرىش ئارقىلىق ئىككى منىڭ 112 سى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، 460 ى شەرقىي قۇددۇستا بولۇپ جەمئىي ئىككى مىڭ 572 يۈرۈش ئۆيلۈك قوشۇمچە قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش رايونى قۇرۇش ئۈچۈن تاشلىغان قەدىمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش رامكىسى ئىچىدە جۇغراپىيەلىك پۈتۈنلۈككە ئىگە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلىرىنىڭ (بۇ دۆلەتتىكى) ھەر قېتىملىق سايلامدىن ئىلگىرى ئەۋج ئېلىشىنىڭ، ئۇنىڭ «خەتەرلىك پۇرسەتپەرەسلىك روھىي ھالىتى» نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق رايوندىكى تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئىشغالچى ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە پەلەستىن زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر