تۈركىيەدە بۈگۈن 197يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن197كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1557264
تۈركىيەدە بۈگۈن 197يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 197كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى21 مىڭ 685كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 181مىڭ 323كىشىنىڭ 1 مىڭ 508نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 13 مىڭ 695كە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 9 مىڭ 896كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىليون 146مىڭ 430غا يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر