چاۋۇشئوغلۇ تۈرك كېڭىشىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) نىڭ باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1554957
چاۋۇشئوغلۇ تۈرك كېڭىشىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈرك كېڭىشىنىڭ باشلىقى باغداد ئامرېيېۋ ۋە ياردەمچىسى ئۆمەر كوجامان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشىنىڭ «سەمىىمىي مۇھىت ئاستىدا ئۆتكەنلىكى» نى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشىمىزدا، <تۈرك دۇنياسىنىڭ 2040 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانى> ۋە <تۈرك كېڭىشىنىڭ 2020 – 2025 – يىللىق ئىستىراتېگىيەسى> ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. تۈرك كېڭىشىنىڭ كېلەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا بىز ساھىبخانىلىق قىلىمىز. جۈملىدىن، تۈرك كېڭىشىنى قوللاشنى ئىزچىل دۋاملاشتۇرىمىز.»

باش مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ۋە 2019 – يىلى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان «نەخچىۋان كېلىشىمى» ئارقىلىق قۇرۇلغان تۈرك كېڭىشى، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مائارىپتىن سودىغىچە كۆپلىگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر