خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تۈرك پولكوۋنىكنىڭ جاسارىتى بەس - بەستە خەۋەر قىلىندى

خىتايدا ساقچىدىن قاچقان بىر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇشقا ياردەم بەرگەن تۈركىيە ھەربىي ئەمەلدارى مۇرات ئالقاننىڭ ھەرىكىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.

1550464
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تۈرك پولكوۋنىكنىڭ جاسارىتى بەس - بەستە خەۋەر قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئالدىنقى ھەپتە، ساقچىلار بىر گۇماندارنىڭ ئارقىدىن قوغلاۋاتقان پەيتتە، نەق مەيداندا بىر كىشى ساقچىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان جىنايەت گۇماندارىنى پۇتلاپ يەرگە يېقىتقان ۋە جىنايەت گۇماندارىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىغا ياردەم بەرگەن ئىدى.

ساقچىلارغا ياردەم بەرگەن كىشىنىڭ خىتايدا رەسمىي خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى بولۈپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ژاندارما يۇقىرى دەرىجىلىك پولكوۋنىكى مۇرات ئالقان ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىغا ياردەم بەرگەن مۇرات ئالقاننى خىتاي مەتبۇئاتلىرى مەدھىيەلەپ بەس - بەستە خەۋەر قىلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار مۇرات ئالقاننىڭ ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ۋە تولىمۇ جاسارەتلىك ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر