تۈرك ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (TIKA) لىۋاندىكى تۈركمەنلەرگە ياردەم قىلدى

تۈرك ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (TIKA) لىۋاننىڭ شىمالىدىكى تۈركمەنلەرگە يېزا ئىگىلىكى ياردىمىدا بولدى.

1549103
تۈرك ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى  (TIKA)  لىۋاندىكى  تۈركمەنلەرگە ياردەم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (TIKA) نىڭ بېيرۇت ئىشخانىسى باشلىقى ئورخان ئايدىن لىۋاندىكى ئىقتىسادىي كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىققا قارشى ياردەم لايىھەلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئورخان ئايدىن لىۋاننىڭ ئاشلىق، كۆكتات ۋە مېۋە ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن %80 ىنى ئىمپورت ئارقىلىق قاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە يەرلىك پۇلنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى قىممىتىنى يوقۇتىشىدىن كېيىن، خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تارىخىي سەۋىيەلەرگە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئورخان ئايدىن تۈرك ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (TIKA) بولۇش سۈپىتى بىلەن بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىش، كەسپكە ئىگە قىلىش لايىھەلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈردى ۋە  بۇ دائىرىدە دىن، مەزھەپ ۋە مىللىي ئايرىمچىلىق قىلماستىن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «لىۋان يېزىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى گۈللەندۈرۈش پىلانى» نى يولغا قويماقچى بولغانلىقىنى  بىلدۈردى.

لىۋاندا دۆلەت قەرزى 90 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، لىۋان 1975- ۋە 1990- يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇيان ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

ئىشسىزلىق نىسبىتى %35 تىن، نامراتلىق نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتكەن لىۋان، ئاۋغۇستتا بېيرۇت پورتىدا يۈز بەرگەن چوڭ پارتلاش بىلەن تېخىمۇ قېيىن ئەھۋالغا قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر