ئافرىندىكى تۈركىيە تەرىپىدىن سېلىنغان سۆيگۈ دوختۇرخانىسى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى
سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئافرىن ناھىيە مەركىزىگە سېلىنغان سۆيگۈ تۇغۇت ۋە بالىلار دوختۇرخانىسى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.
![ئافرىندىكى تۈركىيە تەرىپىدىن سېلىنغان سۆيگۈ دوختۇرخانىسى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8583/2998/0e2d/5fdc29374f3b2.jpg?time=1718850872)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىنلىقلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان سۆيگۈ دوختۇرخانىسىدا ئۈچ ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى، ئۈچ بالىلار دوختۇرى ۋە ئىككى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى دوختۇرى خىزمەت قىلىدۇ. دوختۇرخانىدا ئىككى ئوپېراتسىيەخانا، 17 كارىۋات، شۇنداقلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان سېرىقلىق چۈشۈشنى داۋالاش ئۈچۈن سەككىز دانە ئىنكۇباتور بار.
سۆيگۈ دوختۇرخانىسى، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانلاپ ئىجرا قىلىشى، قاتار تەرەققىيات فوندى قارمىقىدىكى قاتار خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىقتى.
تۈركىيە ئارمىيەسى يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىن ناھىيە مەركىزى 2018 – يىلى 18 مارتتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ دىن ئازاد قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718850872)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718850872)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.