دەمىر: ئېمبارگو مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئارمىيە ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

ئىسمائىل دەمىر ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مالىيە ئۈستىلى سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى توغرىسدىىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1547071
دەمىر: ئېمبارگو مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئارمىيە ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئىسمائىل دەمىر، ھەر قايسى تۈر ۋە لايىھەلەرنىڭ ئومۇمەن مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئېمبارگو دائىرىسىدە يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئىسمائىل دەمىر ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مالىيە ئۈستىلى سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكانىڭ رەقىبلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش قانۇنى دائىرىسىدىكى تۈركىيە توغرىسىدا چىقارغان جازا قانۇنى ھەققىدە توختالدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ جازانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «(ئامېرىكانىڭ جازا يۈرگۈزۈش قارارى) تېكىستىدە، بۇنىڭ بۇرۇن ئىمزالانغان كېلىشىم ۋە توختاملارغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە بايانلار بار. شۇڭا، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.»

«بىزنىڭ پىلان - لايىھەلىرىمىز ئادەتتە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جازا دائىرىسىدە ئەمەس» دېگەن دەمىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزنىڭ مالىيەگە موھتاج ئەمەس، ھازىرغا قەدەر ئۇنداق بولمىدى، قەرز ئېلىنىدىغان نۇقتىدا ئاساسلىق ھۆددىگەر ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى بىلەن بۇيرۇق قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇمۇ بىر ئېمبارگو مېخانىزمىنى قوزغاتتى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر