سەلچۇق بايراقتارئوغلۇ قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى ھەربىي خادىملار باشقارمىسى باشلىقى لېيتىنانت گېنېرال سەلچۇق بايراقتارئوغلۇ، قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى غانىم بىن شاھىن ئەلغانىم بىلەن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا كۆرۈشتى.
![سەلچۇق بايراقتارئوغلۇ قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a55d/f1e1/6367/5fc87ddaf00e7.jpg?time=1718751363)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – قنا، پايتەخت دوھادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان سەلچۇق بايراقتارئوغلۇنىڭ قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى غانىم بىن شاھىن ئەلغانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە – قاتار ھەربىي ھەمكارلىقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش يوللىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئۇچرىشىشقا قاتار ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئىشىتراك قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، قاتار – تۈركىيە بىرلەشمە قىسىملار قوماندانلىقى قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ، قاتار ئالاھىدە قىسىملار قوماندانلىقىنىڭ كوماندىر جەڭچىلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718751363)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718751363)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.