ئەردوغان چاد پىرېزىدېنتى دېبي بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دېبي ئىتنو بىلەن تېلېفونلاشتى.
![ئەردوغان چاد پىرېزىدېنتى دېبي بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/21f8/b8f7/0119/5c77a3a824111.jpg?time=1718771957)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان بىلەن ئىدرىس دېبينىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – چاد مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، چاد بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى بارلىق ساھەلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان.
تېلېفون سۆھبىتىدە، يېقىنلىشىۋاتقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى سايلىمى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718771957)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718771957)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.