ئەردوغان ھايتى ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھايتى ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1527916
ئەردوغان ھايتى ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھايتى پىرېزىدېنتى جوۋېنېل موس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغان قەدەملەر ۋە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش، پولات-تۆمۈر، سەھىيە ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە زور دەرىجىدە ھەمكارلىىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ساھەدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر بىلەن سودا مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان يەنە ھايتى پىرېزىدېنتى موسنىڭ دادىسى ئېتىئېننە موسنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەنمۇ  تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە دومىنىكا پىرېزىدېنتى لۇئىس ئابىنادېر بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

سۆھبەتتە، تۈركىيە بىلەن دومىنىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا سودا كۆلىمىنى ئۆستۈرىدىغان، ساياھەت، ئۇل - ئەسلىھە ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرىلەشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆز-ئارا ئورتاق ئىرادە بىلەن بۇ يۆنىلىشتە تاشلانغان توغرا قەدەملەردىن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭ پايدا ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر