ئەردوغان بۈگۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بارىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولىدۇ.
![ئەردوغان بۈگۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بارىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5941/c2dc/899a/5ddb76592605a.jpg?time=1718865837)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ بۈگۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قىبرىستا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
زىيارەت دائىرىسىدە ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 37 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارغىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار بىلەن ئەردوغان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتا تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زىچ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، قىبرىس دەۋاسى ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، لەفكوشادا جىددىي ھالەت دوختۇرخانىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭمۇ ئۆتكۈزۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718865837)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718865837)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.