بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 92 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 92 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1527832
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 92 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 92 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 11 مىڭ 408 گە چىقتى.

بىر كۈندە 150 مىڭ 141كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 مىڭ 116 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 2 مىڭ 298 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 351 مىڭ 102 گە چىقتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر