ئەردوغان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «پۈتۈنلەي مىللىي ۋە يەرلىك ئىنژېنېرلىق قابىلىيىتىمىزگە تايىنىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىناقلىرى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى» دېدى.

1526950
ئەردوغان تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھەربىي ئېلېكترون سانائىتى شىركىتى – ئاسەلساننىڭ يېڭى سىستېمىلارنى تونۇتۇش ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارادىكى تەمىنلىگۈچى تەرەپلەر تۇغدۇرغان بارلىق قىيىنچىلىقلارنى، يولغا قويغان ئاشكارا – يوشۇرۇن ئېمبارگولارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭەلەيدىغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

«دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 100 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى تىزىملىكىدە يەتتە شىركىتىمىز بار. پەقەت يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە بەش شىركىتىمىز بۇ تىزىملىككە كىردى» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پۈتۈنلەي مىللىي ۋە يەرلىك ئىنژېنېرلىق قابىلىيىتىمىزگە تايىنىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىناقلىرى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى، بۇ سىناقلار بىلەن 4 - قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا كىردۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر