ئەردوغان بەھرەين پادىشاھى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەھرەين پادىشاھى شەيخ بىن ئىسا ئەلخەلىپە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1526978
ئەردوغان بەھرەين پادىشاھى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، بەھرەيننىڭ يېقىندا ۋاپات بولغان باش ۋەزىرى شاھزادە خەلىپە بىن سەلمان ئەلخەلىپەگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مەرھۇمنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە بەھرەين خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن.

تۈركىيە – بەھرەين مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئىنسانىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىلىرىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ، رايون باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كۆپلىگەن ئورتاق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر