ئەردوغان: رايونىمىزدا يەلكىمىزگە چۈشىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييارمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە باياشاتلىق يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن يەلكىسىگە چۈشىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1526011
ئەردوغان: رايونىمىزدا يەلكىمىزگە چۈشىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارتىيەسى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى) نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «ھېچكىمگە قارىتا ئاشكارا – يوشۇرۇن غوم – ئاداۋىتىمىز، ئۆچمەنلىكىمىز، نامەلۇم ھېسابلىرىمىز يوق. دۆلەت خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن شەكىللىنىدىغان يېڭى بىر سۈرىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، رۇسىيە قاتارلىق رايوندىكى پائال كۈچلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا تەييارمىز» دېدى.

شەرقىي ئاقدېڭىزدا گىرېك ۋە رىم تەرىپى ئەركىدەشتىن ۋاز كەچكەن تەقدىردە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادىل بىر كېلىشىمنى تۈزۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رايونىمىزدا تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە باياشاتلىق يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن يەلكمىزگە چۈشىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييارمىز. بىز خەلقلىرىنى قېرىنداش، ئۆزلىرىنى دوست دەپ قارايدىغان رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن يېڭى دەۋردە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر