ئالتۇن ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1520714
ئالتۇن ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ۋىيېننادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن. تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى ئاۋسترىيەنىڭ يېنىدىدۇر. دەرد – ئەلەملىرىڭلارنى ئورتاقلىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر