بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 79 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 79 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1521199
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 79 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 79 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 10 مىڭ 481 گە چىقتى.

بىر كۈندە 146 مىڭ 247 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 مىڭ 343 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 817 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 328 مىڭ 824 كە چىقتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر