بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 74 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 74 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1512757
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 74 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 75 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 9 مىڭ 445 كە چىقتى.

بىر كۈندە 116 مىڭ 565 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 مىڭ 894 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 512 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 306 مىڭ 936 گە چىقتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر