بۈگۈن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

1512183
بۈگۈن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدىغان يىغىندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى ۋاكسىنا ۋە دورا  تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇپ قويۇلماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

قارادېڭىزدا بايقالغان يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قارىتا ئىجابىي تەسىرلىرى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش  توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىننىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنى، ئەرسىن تاتارنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلىنىشى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە باشلانغان يېڭى باسقۇچ، سايلاملاردىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىبرىس مەسىلىسى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر تەشكىل قىلىدۇ.

يىغىندا يەنە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيەگە قارشى كۈرىشىگىمۇ قاراپ چىقىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر