تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسى بىلەن شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

1510032
تۈركىيە پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسى بىلەن شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا يۈز بېرىپ كۆپ ساندا خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، «بىز بۇ قەبىھ تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھمەت تىلەيمىز، دوست پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە بىر تۈركۈم ئاپتوموبىللارنى قوغداپ مېڭىۋاتقان خەۋپسىزلىك قىسىملىرى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 11 نەپىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 14 ئادەم قازا قىلغان. شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا بولسا، خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 6 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر