بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 58 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (Kovid-19) سەۋەبىدىن 58 كىشى قازا قىلدى.

1505614
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 58 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 58 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 8 مىڭ 667 غا يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  117 مىڭ 101كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 615 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 398 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 290 مىڭ 352 كىشىگە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر