ئاقار: ئەرمېنىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەرمېنىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلىق جىنايىتى سادىر قىلماستىن، ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردىن دەرھال چېكىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1503230
ئاقار: ئەرمېنىيە ئىشغال قىلىۋالغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك قوماندانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىردى.

مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى دائىرىسىدە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندا، مىنىستىر ئاقار، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش يولىدا باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ ھەقلىق دەۋالىرىدا ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئاقار، ئەزەربەيجاننىڭ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنلىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى، ئىشغالچى ئەرمەنلەرنىڭ ئۇ يەرلەردىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندىكى پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەرمېنىيە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلماقتا. بۇنى ھەممە بىلىشى كېرەك. بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار دېمەستىن بىگۇناھ پۇقرالارغا ئوچۇقتىن – ئوچۇق ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە ئەمەلدارلىرى، باشتا ئۆز خەلقى بولۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىدا چوقۇم سوتلىنىدۇ. ئەرمېنىيە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلىق جىنايىتى سادىر قىلماستىن ئىشغال قىلىۋالغان جايلارنى دەرھال بىكارلىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا خاتىمە بېرىشى، رايونغا ئېلىپ كەلگەن ياللانما ئەسكەرلەرنى، تېررورچىلارنى رايوندىن ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشى كېرەك» دېدى.

مىنىستىر ئاقار، 30 يىل بويىچە ئىشغالغا سۈكۈت قىلغانلارنىڭ، ئەرمېنىيەنىڭ بۇ يۈزىنىمۇ كۆرۈشى ۋە ئىشغال قىلىنغان زېمىنلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىگە بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر