ئەردوغان سەرراجنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، لىۋىيە باش مىنىستىر فايىز سەرراجنى قوبۇل قىلدى.

1502716
ئەردوغان سەرراجنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر فايىز سەرراجنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشى بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ھەيئەتلەرئارا مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تولۇق ھەمكارلىق روھى ئىچىدە لىۋىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لىۋىيەنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى بولغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دېڭىز تەۋەلىكىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىنمۇ تىزىمغا ئېلىنىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە لىۋىيەلىكلەرنىڭ باياشاتلىقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر