ئەردوغان ترامپقا شىپالىق تىلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا شىپالىق تىلىدى.
1501724
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىئا ترامپتىن ھال سورايمەن، ھەمدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىشلىرىغا تىلەكداشمەن.»