ئەردوغان مېركېل ۋە مىچېل بىلەن كۆرۈشىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېل بىلەن كۆرۈشىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە ھەم دىيالوگ تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، ھەم شەرتسىز ھالدا سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، ھەمدە سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان تەرەپنىڭ گىرېتسىيە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، بۇ ھەقتە ئىجابىي قەدەم تاشلاشقا تېگىشلىك تەرەپنىڭمۇ گىرېتسىيە بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن «ئاكتىپ رول ئوينىشى ۋە ئادىل بولۇشى» نى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەنقەرەنىڭ، تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ۋىزىسىز ساياھەت مەسىلىسىگە قارىتا تەلەپلىرىمۇ يەتكۈزىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.