ئەردوغان: ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ۋاپات بولغۇچىلار ۋە يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1486782
ئەردوغان: ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەۋسۇملۇق كېسەللىكلەر باشلىنىشتىن بۇرۇن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 100 نىڭ ئاستىغا، ۋاپات بولغۇچىلار سانىنىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە نۆلگە چۈشۈرۈش لازىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئورۇندۇقنىڭ سىرتىدا ئادەم ئېلىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، چايخانا ۋە رېستورانلارنىڭ تەدبىرلەرگە ئۇيغۇنلۇقى جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەۋجۇت  ئەھۋالنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. تېخىمۇ ياخشى بىر چارە تېپىلغانغا قەدەر، كۈندىلىك ھاياتىمىزنى تازىلىق، ماسكا ۋە مۇساپە تەدبىرلىرىگە ئاساسەن قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشىمىز كېرەك.»

ئىشلەپچىقىرىش چاقىلىرىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە تېخىمۇ ياخشى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، بارلىق مەلۇماتلارنىڭ، ئۈچىنچى چارەكتە تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا قايتىدىن قەددىنى رۇسلايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە يۇقۇم مەزگىلىدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ھەم يۈزتۇرانە ھەمدە يىراقتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئوقۇ – ئوقۇتۇشنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر