ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ھاۋا ئاپپاراتى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى

ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئىككىنچى مودېلى، چورلۇ ھاۋا مەيدان قوماندانلىق ئىشتابىدىكى بايراكتار ئاكىنجى ئۇچۇش ۋە تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى.

1476244
ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ھاۋا ئاپپاراتى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايكار (بايراكتار كاردەشلەر) (بايراقدار قېرىنداشلار) تەرىپىدىن يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بايراكتار ئاكىنجى تىھا (TİHA) (ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ھاۋا ئاپپاراتى) ئىككىنچى مودېلى، چورلۇ ھاۋا مەيدان قوماندانلىق ئىشتابىغا جايلاشقان بايراكتار ئاكىنجى ئۇچۇش ۋە تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئىككىنچى ئۇچۇش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى.

بايراكتار تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بايراكتار ئاكىنجى تىھانىڭ ئىككىنچى مودېلى بايراكتار تېخنىك مۇدىرى سەلچۇك بايراكتارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سىناقتا، تەخمىنەن 6.1 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە ئىككى سائەت 26 مىنۇت ئاسماندا قالدى.

كۆك يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سىناقلاردىن كېيىن قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق سىناقمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

بايراكتار ئاكىنجى تىھا تۇنجى سىنىقىنى 2019-يىلى 6-دېكابىر قىلغان بولۇپ، جەمئىي 16 مىنۇت ئۇچقان ئىدى. 2020-يىلى 10يانۋارمۇ سىستېمىنى توغرىلاش سىنىقى ئۈچۈن 1 سائەت 6 مىنۇت ئۇچقان ئىدى.

يىل ئاخىرىغىچە تاپشۇرۇلۇشى پىلان قىلىنغان بايراكتار ئاكىنجى تىھا لايىھەسىنىڭ ئۈچىنچى مودېلىنى ماسلاشتۇرۇش باسقۇچى بايراكتار مىللىي سىھا تەتقىق ۋە ياساش مەركىزىدە داۋام قىلماقتا. بۇ باسقۇچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىناق ئۇچۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چورلۇ ھاۋا مەيدان قوماندانلىق ئىشتابىغا ئەۋەتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر