بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 22كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 22 كىشى قازا قىلدى.

1474536
بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 22كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 22 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 996 گە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  74 مىڭ 846 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 233 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ ئىككى  كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 231 مىڭ 971  كىشىگە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر