تۈركىيەدە بۈگۈن 22 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 22 نەپەر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىمارى قازا قىلدى.

1473220
تۈركىيەدە بۈگۈن 22 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 22 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 5 مىڭ  934 كە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 70 مىڭ 192 كىشىنىڭ 1 مىڭ 266 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى. بالنىستتىن چىققان 923 كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى 228 مىڭ 980 گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر