تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن قورال ۋە ئوق - دورىلىرىنى قولغا چۈشۈردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان يولۋاس پەنچىسى ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە نۇرغۇن قورال ۋە ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

1461712
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن قورال ۋە ئوق - دورىلىرىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «قەھرىمان كوماندىر جەڭچىلىرىمىز بىر ئامبارنى بايقاپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە نۇرغۇن قورال ۋە ئوق – دورىنى قولغا چۈشۈردى. قولغا چۈشۈرۈلگەن قوراللار يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى ئېنىقلاش ۋە يوقىتىپ تاشلاش ئاپپاراتى ئارقىلىق يوقىتىپ تاشلاندى. ئىزدەش – چارلاش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە 63 دانە ئاك-47 تىپلىق ئاپتومات، بىر دانە مەرگەن مىلتىقى، 2 دانە ئوۋ مىلتىقى، 50 دانە گىراناتامىيۇت، 1000 پاي دوچكا ئايروپىلان ئاتار ئوقى،  300 دانە ئاك-47 تىپلىق ئاپتومات ئوقدېنى، 50 دانە قول بومبىسى، 25 كىلوگرام دىنامىت قاتارلىقلار قولغا چۈشۈرۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر