مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتىكى ئەڭ غەلىبىلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولدۇق
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە ئەڭ غەلىبىلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن «ساغلام ساياھەت، بىخەتەر شەھەر» تېمىلىق تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «قوللانغان تەدبىرلىرىمىز سايىسىدا، بىز بۇ كۈرەشتىكى ئەڭ غەلىبىلىك دۆلەتكە ئايلاندۇق. بىز دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سەھىيە سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرسىمىز»دېدى.
137 دۆلەتكە تىببىي ياردەم ئەۋەتكەنلىكى ۋە داۋاملىق ئەۋەتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان چاۋۇشئوغلۇ، «بىز (ئۆلۈم ۋە يۇقۇملىنىش) سانى كۆپىيىۋاتقان دۆلەتلەرگە قوشۇمچە ياردەم ئەۋەتىۋاتىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق ھالدا ئېلىپ باردۇق، 130دۆلەتتىن 90 مىڭدىن كۆپرەك پۇقرايىمىزنى ئېلىپ كەلدۇق. 90 دۆلەت تۈركىيەدىكى پۇقرالىرىنى يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ 230 مىڭ پۇقراسىنى يۆتكىشىگە تۆھپە قوشتۇق، بىرلىكتە ماشلىشىپ خىزمەت قىلدۇق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.