تۈرك قىزىلئاي جەمئيىتى «سۆيگۈ ماگزىنى»نىڭ سەككىزىنچى شۆبىسىنى رەسۇلەيندە ئاچتى
تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى، سۈرىيەدىكى موھتاجلارغا ھەقسىز كىيىم ياردىمى بېرىدىغان «سۆيگۈ ماگىزىنى» نىڭ سەككىزىنچى شۆبىسىنى رەسۇلەين ناھىيە مەركىزىدە ئاچتى.
1441099
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ سۆيگۈ ماگىزىنىدىن كۈندە 150 بىلەن 200 ئارىسىدا موھتاج سۈرىيەلىك پايدىلىنالايدۇ؛ جەمئىيەت بۇنىڭدىن بۇرۇن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب، ئافرىن، ئازەز، باب، جەرابلۇس ۋە تەلئەبياد قاتارلىق رايونلىرىدا 7 دانە «سۆيگۈ ماگىزىنى» ئاچقانىدى.
رەسۇلەين ناھىيە مەركىزى 2019 – يىلى 12 – ئۆكتەبىردە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى سايىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ دىن قۇتقۇزۇلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.