تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى تۆۋەنلىمەكتە
تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە، قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى مۇقىم بىر شەكىلدە داۋاەملاشماقتا.
1435811
![تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى تۆۋەنلىمەكتە](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7fd8/d096/7935/5ee0040d79157.jpg?time=1718870637)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 15 كىشى ئېشىپ، جەمئىي 4 مىڭ 807 كىشىگە يەتتى.
بۇ جەرياندا 45 مىڭ 176 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 562 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 330 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 151 مىڭ 417 كىشىگە يەتتى.