تۈركىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىمەكتە
تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە، يۇقۇملىنىش ۋە قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى مۇقىم بىر شەكىلدە داۋاەملاشماقتا.
1431219
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 23 كىشى ئېشىپ، جەمئىي 4 مىڭ 692 كىشىگە يەتتى.
بۇ جەرياندا 35 مىڭ 335 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 914 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 2647 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 137 مىڭ 696 كىشىگە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.