ئالتۇن: ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش ۋە ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچ ھەققىدە مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش  ۋە ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچ ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1413897
ئالتۇن: ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش ۋە ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچ ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇشەققەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. تۈركىيە بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئەڭ ئاز تالاپەت بىلەن ئۆتۈش ئۈچۈن ھەر ساھەدە كۈرەش قىلىپ، غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. جۈملىدىن، دۆلىتىمىز مەيلى سەيىھە ساھەسىدە بولسۇن، مەيلى باشقا ساھەلەردە بولسۇن، سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتمەكتە. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە، خەلقىمىز بىلەن بىر گەۋدىلىك ھەم ھەمكارلىقنى چىقىش نۇقتا قىلىپ،  قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان بولساق، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> كىرىزىسىگە قارشى كۈرەشتىمۇ شۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش جەرياندا ئىجتىمائىي ئالاقىلىشىش مۇساپىسىگە رىئايە قىلىش، سەھىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئاساسلىق ئېھتىياجلىق لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش جەھەتتە دۇنياغا ئۈلگە يارىتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىدۇق ۋە تاشلاۋاتىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بىر تەرەپتىن، تۈركىيە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن،  بارلىق دۆلەت ئورۇنلىرى جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىرۇستىن كېيىنكى باسقۇچ ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. قىسقىسى، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ داۋامى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر