تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە  قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1412620
تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە  قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نافتالى بېننېتنىڭ، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەفرەت ئولتۇراق رايونىدا مىڭلارچە قوشۇمچە بىنا سېلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان شەكىلدە كېڭەييتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلمايدىغان پەرۋاسىزلارچە پوزىتسىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈلگىسىدۇر. ئىسرائىلىيە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئەڭ كۆپ ئېھتىياج تۇغۇلۇۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتىمۇ، ئىچكى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى  دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. جۈملىدىن، ئىسرائىلىيە پەلەستىندىكى ئىشغال ۋە زۇلۇم – سىتەملىك سىياسەتلىرىنى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. پەلەستىن تېرروتېرىيەسىدە قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم پىلانىنى بۇزۇشنى نىشان قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى، رايوندا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىقتەك بۇ قىلمىشىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلەيمىز، رەت قىلىمىز، قېرىنداش پەلەستىن خەلقى ۋە پەلەستىننىڭ ھەققانىي داۋاسىنىڭ ھەمىشە يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز.»

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننېت، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىدا قوشۇمچە 7 مىڭ بىنا سېلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر