تىكا غەربىي قىرغاق ۋە قۇددۇستىكى موھتاج ئائىلىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنماقتا

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقى – تىكا، رامىزان ئېيى يېمەك – ئىچمەك ياردىمى تۈرى دائىرىسىدە پەلەستىننىڭ غەربىي قىرغاق رايونىدىكى 3 مىڭ موھتاج ئائىلىگە يېمەك – ئىچمەك تارقىتىپ بەردى.

1411044
تىكا غەربىي قىرغاق ۋە قۇددۇستىكى موھتاج ئائىلىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقىنىڭ پەلەستىن كوئوردىناتورى ئەھمەد رەفىق چەتىنقايا ئانادولۇ ئاگېنىتلىقىغا بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيە ئىشغالى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستا 7500 ئائىلىگە يېمەك – ئىچمەك ياردىمى قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، نىشانلىرىنىڭ 40 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پەلەستىن ۋەخپىلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى جەمال قاسىم، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلغان ياردەملىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، «بۇ ياردەملەر ھەم ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئىنتايىن قىممەتلىك. تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ ياردەملەر داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

قاسىم، باشتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولۇپ پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر