تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئېلان باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1408392
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئېلان باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلىنمايدۇ. تېررور ئەيىبلىنىدۇ. تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىنىدۇ» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن باياناتىدا، «بەرگەن باياناتقا قارىغىنىمىزدا، ئەپسۇسكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھازىرمۇ توغرا ئورۇندا تۇرالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنى قىلىشقا بولمايدۇ. ھازىرغىچە قىلغان بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا قارىماي، پ ك ك / ي پ گ نى قوللاپ قوراللاندۇرۇۋاتقانلار، ئۇلارنى يوللۇقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار ۋە دۆلەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا پائالىيەت رۇخسىتى بەرگەنلەر، تۈنۈگۈن (سەيشەنبە كۈنى) ئافرىندا يۈز بەرگەن قەتلىئامنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇنسۇرلىرى ئارىسىدىدۇر. بۇ ھۇجۇم، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بېرىلگەن يېڭى <ماركىلار> نىڭ تېررورچىلارنىڭ شەيتانىي تەبىئەتلىرىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

تېررورنىڭ پۇقرالارغا، تىنچلىققا ۋە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ئاچچىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئالتۇن باياناتىدا، «ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ كىملىكى ۋە ھۇجۇمنىڭ چېگرانىڭ قايسى تەرىپىدە يۈز بەرگەنلىكى، بۇ خائىن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىز تۈركىيەمىز. تېررورنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قارشى كۈرەش قىلدۇق، قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق تېررورلۇق ھۇجۇمى ئالدىدا ھازىرمۇ سۆز يورغىلىتىشقا ئۇرۇنغانلار ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  بىلەن مەينەت ئىتتىپاقلارنى ئورناتقان غەيرىي مىللىي ئۇنسۇرلارنىمۇ خەلقىمىزنىڭ ۋىجدانىغا تاپشۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ، ئافرىن ناھىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماستىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسىدىكى قورقۇنچلۇق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەبىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. جاۋابكارلار ھېسابىنى بېرىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ۋە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنىڭ تەكرارلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر