ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1403579
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.