چەت ئەللەردە 320 تۈركىيە پۇقراسى ئۆلۈپ كەتتى

چەت ئەللەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى 320 گە يەتتى.

1400035
چەت ئەللەردە 320 تۈركىيە پۇقراسى ئۆلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ھازىرغىچە فىرانسىيەدە 99، گېرمانىيەدە 71، گوللاندىيەدە 54، ئەنگلىيەدە 32، بېلگىيەدە 29، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 13، شىۋېيتسىيەدە 12، ئاۋسترىيەدە 4، شىۋېتسارىيەدە 4، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە بىر ۋە لىۋاندا بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن، چەت ئەللەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى 320 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر