تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشى داۋاملاشماقتا
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا .
![تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشى داۋاملاشماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/62fa/0d4e/8919/5cbeb70a5d626.jpg?time=1718922846)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېلېفون قىلغانلارغا 7 كۈن 24 سائەت جاۋاب قايتۇرىدىغان كولسۇنخانا چاقىرىق مەركىزى قارمىقىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ھەمكارلىق ۋە ياردەم مەركىزى» پائالىيەتلىرىنى 14 – مارتتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.
يۇقۇمنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىغا مەسئۇل بۇ مەركەز، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ۋە ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يۈزلەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، ھازىرغىچە 53 مىڭ چاقىرىققا جاۋاب قايتۇرۇلدى.
مىنىستىرلىق ئېلېكترونلۇق كونسۇلخانا سىستېمىسى مۇلازىمىتى ئارقىلىقمۇ تۈركىيە پۇقرالىرىغا داۋاملىق ياردەم بەرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718922846)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.