تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى كۆپەيدى
تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 9 غا يەتتى.
1382260
![تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى كۆپەيدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6baa/e3bb/b19b/5e6c78809503a.jpg?time=1718613918)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ياشانغان ۋە تىركىشىش كۈچى ئاجىز 5 بىمارىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، شۇنىڭ بىلەن، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 9 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 670 كە يەتتى.»