ياۋروپانىڭ 9 دۆلىتىدىكى تۈركلەر بۈگۈن يېرىم كېچىگىچە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ

تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملانغانلار سانى 47 گە كۆپەيدى.

1379767
ياۋروپانىڭ 9 دۆلىتىدىكى تۈركلەر بۈگۈن يېرىم كېچىگىچە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «يېڭىدىن 29 ئادەمگە دىياگنوز قويۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئالاقىدە بولغانلار بولۇپ، ئارىسىدىن ئۈچى ئۆمرەدىن قايتقان كىشىلەردۇر» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇقرالارنى كوۋىد-19 ۋىرۇسىدىن قوغداش ۋە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارقا - ئارقىدىن چارە – تەدبىرلەر يولغا قويۇلماقتا.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاممىۋى ئارام ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، پۇقرالار بىر يەرگە جەم بولۇپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئورۇنلار (تىياتىرخانا، كىنوخانا، كۆرگەزمە مەركىزى، كونسېرت زالى، توي مۇراسىمى زالى، چالغۇ-مۇزىكا كۇلۇبلىرى، قەھۋەخانا، قىمارخانا قاتارلىقلار) نىڭ پائالىيەتلىرى تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 08:00 باشلاپ ئەنگلىيە، شىۋېيتسارىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئېرىلاندىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سەپەرلىرىمۇ چەكلەندى.

تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى ئەلى ئەرباشمۇ، كوۋىد – 19 نىڭ تارقىلىش خەۋپى تۈگىگىچە جۈمە نامىزى باشتا بولۇپ جامەلەردە جامائەت بولۇپ ناماز ئۆتەشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ بۈگۈن ۋىرۇس مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك بىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ بايانات بېرىپ، 3614 تۈرك پۇقراسىنىڭ 9 ياۋروپا دۆلىتىدىن بۈگۈن يېرىم كېچىگىچە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 34 دانە نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن ئېلىپ كېلىنىدىغان پۇقرالارنىڭ ئىستانبۇل ۋە كوجائەلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر