«ئىدلىب كېلىشىمى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئۇرۇش توختىتىش نىشان قىلىنغان «ئىدلىب كېلىشىمى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

1373213
«ئىدلىب كېلىشىمى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» دا ئۇرۇش توختىتىش پائالىيەتلىرى باشلاندى.

موسكۋا تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدىكى ئۇچرىشىش نۇقتىسى بويىچە بارلىق ھەربىي پائالىيەتلەر 2020 – يىلى 6 – مارت كۈنى سائەت 0 دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە توختىتىلىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا،  تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «ئىدلىب كېلىشىمى» نىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشىنى، ئۇرۇشنىڭ دەرھال توختىتىلىشى، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كونتىروللۇقىدىكى سىياسىي مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق تەرەپلەرگە چاقىرىقتا بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىدلىب كېلىشىمى» نىڭ، رايوندىكى ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ يېنىكلىتىلىشى ۋە خەۋپنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى جەھەتتىن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۈگۈن ئىدلىبتا ناھايىتى چوڭ خەتەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، رۇسىيە، ئىران ۋە ھىزبۇللاھ كۈچلىرى تەرىپىدىن پۇقراۋى رايونلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ يېنىكلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى قوللايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە بىلەن كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىن  كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز، بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەممە ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشىنى كۈتۈۋاتقان <ئىدلىب كېلىشىمى> گە رىئايە قىلىپ قىلمايدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش بولىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل، كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېبتا چاقىرىلغان  «ئىدلىب ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى» تېمىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ھارپىسىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «ئىدلىب كېلىشىمى» دىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ تەرەپلەرنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر