چاۋۇشئوغلۇ بۇرۇندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇرۇندى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېزېچىئېل نىبىگىرا بىلەن ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولدى.

1373607
چاۋۇشئوغلۇ بۇرۇندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يىلى باش ئەلچىخانىمىزنى ئاچقان بۇرۇندى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېزېچىئېل نىبىگىرا بىلەن كۆرۈشتۇق. دوست بۇرۇندى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قوشما ئىقتىسادىي كومىتېت ۋە سودا كېڭىشى يىغىنلىرىنى چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر