ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېس مىچېل بۈگۈن تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1371338
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، مىچېلنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈردى.

مىشېل بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن تۈنۈگۈن گرېتسىيە ۋە بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر